• Adsense ئېلانىنى كۆركەملەشتۈرۈش توغرىسىدا

2008-05-14

Adsense ئېلانىنى كۆركەملەشتۈرۈش دىگەن قانداق گەپ ؟
ئادەتتە بىز Adsense ئېلانىنىڭ چېكىلىش سانىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ رەڭگىگە ۋە سىرتقى رامكىسىغا تەڭشەش ئېلىپ بارالايمىز، يەنە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق Adsense ئېلانىنىڭ كۆرۈنۈشىنى تېخىمۇ كۆركەم قىلغىلى بولامدۇ؟
ئەلۋەتتە بولىدۇ ، مەسلەن ئېلانغا تەگلىك سۆرىتى قوشۇش.
بەلكىم ئارامگاھ بلوگىدىكى يان بۆلەك ئۈستىدىكى Adsense ئېلانىغا دېققەت قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن ، باش بەتتىكىسىدە ئاق رەڭلىك تەگلىك سۆرىتى بار كۆرۈنۈشى مۇنداق:

ماقالە تولۇق مەزمۇنى بېتىدە قارا رەڭلىك تەگلىك سۆرىتى بار ، كۆرۈنۈشى مۇنداق :

قارا تەگلىك قوشۇلغان Adsense ئېلانىنى مىسالغا ئېلىپ چۈشەندۈرەي ،
بۇ يەردىكى ئېلاننىڭ چوڭلۇقى 125*125  .   تەگلىك سۆرىتى بۇنىڭدىن چوڭراق بولۇشى كېرەك .  بۇ قارا رەڭلىك تەگلىكنىڭ چوڭلۇقى 164*165 .

ئېلان كودىنى مۇنداق DIV كودىنىڭ ئارىسىغا ئالىمىز:

ماۋۇ يەرگە ئېلان كودىنى قوشىمىز

يۇقىرقى كودتىكى سۆرەت ئادىرسىنى ئۆزىمىز خالىغان سۆرەتنىڭ ئادىرسىغا ئالماشتۇرساق بولىدۇ، width دىگەن يەردىكى سۆرەت كەڭلىكى ، height دىگەن سۆرەت ئىگىزلىكى ،   ئېلان ئۈستى تەرەپكىرەك چىقىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى بىر قۇر تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن
قوشۇپ قويدۇم .
ئەلۋەتتە ئورنىنى تەڭشەش ئۈچۈن باشقا css كودلېرىنى ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ مەسىلەن : padding كودى ئارقىلىق ئوڭ سول ئاستى ئۈستى ئورنىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.

ھەرخىل چىرايلىق تەگلىكلەرنى ئۆزىمىز سۆرەت تەھرىرلەش دېتاللېرى ئارقىلىق ياسىۋالساق بولىدۇ ، بەلكىم ئېلاننىڭ ئورنىنى تەڭشەش توغرىسىدا مەسلىگە يولۇقىشىڭىز مۇمكىن ، ھەرقانداق مەسىلە بولسا ئىنكاس قىلىڭ

分享到:

评论

• [avatar:30]ياخشىمۇ سىز مە ن سىز دىگەن ئۇسۇل بۇيىنچە ئلان قوشقان ئدىم ئازراق مەسلە چىقتى يەنى يان تەرەپتە ئككى ئلان چىقىپ قالدى بۇنىڭ بلەن بلوگ نىڭ باش بەتكە قويغان ئلان كۇرۇنمىدى يان تەرەپتىكى كىچىك ئلاننى ئېلۋىتەي دىسەم تاپالمىدىم ياردەم قىلامسىز؟ http://www.blogbus.com/aramga-logs/29573496.html
كۇرۇپ بېقىڭ يان تەرەپتە ئككى ئلان بار مۇشۇنىڭ كىچىكىنى ئېلۋىتەي دىگەن
回复قاراقچى说:
ئېلان كودىنى قانداق قوشقان ئىدىڭىز؟ قوشقان ئېلان كودى ئىچىدىن كىچىك ئېلان كودىنى تېپىپ شۇنى ئېلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.
2008-09-27 10:34:46
• ياخشىمۇ سىز ،
مۇشۇ Adsense ئېلانىنى ئېلىش ئۈچۈن پۇل كېتەمدۇ؟
مەن تىزىملاتسام 100 يۇەن تاپشۇرۇش 支付 دەپ چىقىۋالدى .
ماڭا بىر تەلىم بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن .
回复نىران ئوغلى说:
ھازىر ئىلتىماس قىلىپ ئالماق تەس،
nokia ئەپەندىم بىلەن ئالاقىلىشىڭ
38 يۈەندىن سېتىۋاتىدۇ.
QQ:421151165
2008-09-15 17:22:06
• [avatar:30]ئەلقۇت ئەپەندى، بۇ رەسىمگە 200*200 چوڭلۇقتىكى ئېلان ئىشلىتىڭ، ئاندىن مۇنداق كود ئارسىغا ئېلىڭ:

بۇ يەرگە ئېلان كودىنى قوشۇڭ

• [avatar:30]ئارامگاھ ئەپەندىم سىز تەمىنلىگەن ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ http://325a.blogbus.com/files/12115875310.gif
ماۋۇ رەسىمگە ئىلان قوشاي دىسەم قوشالمىدىم . ياردەم لازىم بولسا سۆز قالدۇرۇڭ دەپتىكەنسىز تاتىنمىدىم ئەمىسە مۇشۇنىڭغا بىر ئامال قىلىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.
• [avatar:30]تاكلىماكان ئەپەندى مەن ھىچ ئىلان كۆرمەيمەنغۇ؟
سىز بىلەن پەقەت ئالاقىلاشقىلى بولمىدى ،سىز بىر چاغدا دۇكان ئاچىمەن دەپتىكەنسىز، ئاچامسىز يا؟
مىنىڭ چ چ نومۇرۇم 312533327مەن سىزگە بىر نەچچە قىتىم خەت يازدىم لىكىن ھازىرغىچە تىمتاس...
• [avatar:30]ماقالە تارماق بېتىنى ئاچقاندا چىقىدىغان ئېلانغا مەنمۇ قوشىۋالدىم. پەيزى بوپ كەتتى.
回复تەكلىماكان说:
راس پەيزىكەن [defFace:0]
2008-05-15 09:38:17
• [avatar:30]مەن گوگىل ئىلانىنى پەقەت ئىلتىماس قىلالمايۋاتىمەنغۇ.....
回复ئۈمىد说:
ھازىر پۈتۈن جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەممىسى ئىلتىماس قىلالمايۋاتىدۇ، بۇ ۋاقىتلىق
2008-05-14 18:20:46