• googleنىڭ ياۋروپادىكى بازار ئىگەللەش نىسبىتى 79%كە يەتتى

    2008-05-09


    يېقىندا comScore نىڭ ستاتسىتكا نەتىجىسىدە ئېلان قىلىنىشىچە ، 2008-يىلى 3-ئايغىچە google نىڭ ياۋروپادىكى بازار ئىگەللەش نىسبىتى 79%كە يەتكەن بولۇپ مونوپوللۇق ئورۇنغا ئىگە بولغان دىيىشكە بولىدۇ.
    تۆۋەندىكى ستاتسىتكا جەدىۋەلىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى google نىڭ ياۋروپادىكى مۇتلەق كوپ ساندىكى دۆلەتلەردىكى بازار ئىگەللەش نىسبىتى مونوپوللۇق دەرىجىسىگە يەتكەن بولۇپ ، ئاسىيادىكى ئەھۋالىغا قارىغاندا كۆپ ياخشى ، ھەتتا ئۆز تۇپرىقى بولغان ئامېرىكادىكى ئەھۋالىدىنمۇ كۆپ ياخشى ئىكەن.
    谷歌在欧洲市场占有率高达79%

    ئەگەر google جۇڭگو ئېنتېرنېت ساھەسىگە نىسبەتەن تېخىمۇ سەۋىرچانراق بولغان بولسا baidu دىن ئېشىپ كېتىشىدە گەپ يوق ئىدى.

    مەن بۇرۇن baidu نى ئىشلىتەتتىم ، لىكىن كىيىن google غا بولغان تونۇشۇمنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ google نى ياقتۇرۇپ قالدىم ، نىمىلا دىگەن بىلەن google دا ئۇيغۇرچە ئىزدىگىلى بولىدۇ ، لېكىن baidu دا ئۇيغۇرچە ئىزدىگىلى بولمايدۇ، ھەتتا unicode نىمۇ قوللىمايدۇ ئەمەسمۇ ، تېخىچە GB2312 ئۆلچىمىنى ئىشلىتىۋېتىپتۇ ، utf-8 گە كۆچمەمدىكىن؟

     

    分享到:

    评论

  • [avatar:30]لېكىن ئىدىقۇت ئەپەندىم، سىز ئوخشاش بىر مەزموننى بەيدۇ بىلەن گوگۇلدىن ئايرىم-ئايرىم ئىزدەتتۈرۈپ نەتىجىسىنى كۆرۈپ بېقىڭ!؟ ئاندىن سېلىشتۇرۇپ ئۆزىڭىز جاۋابىنى تاپالايسىز، ئالدىغا ئۆتەلمىسىلا ئىقتىدارى ناچار دىگەنلىك ئەمەس،ئۇلار دىگەن بىر كىلو كۆكتات ئالسىمۇ ئۆزلىرىنىڭكىدىن ئالىدۇ،بىزدىمۇ شۇنداق روھ بولۇش كېرەك،
  • [avatar:30]جۇڭگودا GOOGleتېخى baiduنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمىگەندۇ؟