• ئۇسلۇب دەرىسلىكى-بەت قۇرۇلمىسى چوڭلۇقىنى تەڭشەش

    2008-05-08


    ئادەتتە توربەتلەر مەيلى ئومۇمىي قۇرۇلمىسى بولسۇن ياكى قوشۇمچە قۇرۇلمىلېرى بولسۇن ، مەلۇم چوڭلۇقتا بەلگىلەنگەن بولىدۇ ، قۇرۇلمىلارنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم ئۇلارنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى مۇۋاپىق تەڭشەش لازىم ، ئۇنداق بولمىغاندە بەت قۇرۇلمىلېرى قالايمىقانلىشىپ كېتىپ توربەت كۆرۈنۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ ، تۆۋەندىكى بىزگە تونۇشلۇق بولغان بەت قۇرۇلمىسى:

    ئارامگاھ بلوگنىڭ ھازىرقى ئاساسىي قۇرۇلمىسى بولسا مۇشۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ، يەنى
     content رايونى 520px كەڭلىكتە
    sidebarرايونى 200px كەڭلىكتە
    ئومۇمىي قۇرۇلما 780px كەڭلىكتە

    520+200=720
    قالغان 50px نەگە كەتتى؟
    قالغىنى content بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ئارلىقى، sidebar بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ئارلىقى، content بىلەن sidebar نىڭ ئارلىقى  قاتارلىقلارغا كەتتى.

    ئۇنداقتا blogbus تەمىنلىگەن بلوگدا بۇ بۆلەكلەرنىڭ چوڭلۇقىنى قانداق تەڭشەيمىز؟

    css ھۆججىتىنى ئېچىپ قارايدىغان بولساق
    container دىگەن بۆلەك بار ، بۇ بۆلەك بەتنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى بولىدۇ ،
    بۇنىڭ چوڭلۇقىنى مۇنداق تەڭشەيمىز:
    container
    {
    width:780px;
    }

    width كودى كەڭلىكنى بەلگىلەشكە ئىشلىتىلىدۇ .

    css ھۆججىتى ئىچىدىكى outercontent دىگەن بۆلەك يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان ئاساسىي مەزمۇن رايونى يەنى content رايونىنى كونترول قىلىدۇ ،
    بۇ رايوننىڭ كەڭلىكىنى مۇنداق تەڭشەيمىز:

    outercontent
    {
    width:520px;
    }

    css ھۆججىتىدە يەنە outersidebar دەپ بىر بۆلەك بار، بۇ بۆلەك يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان sidebar بۆلىكىنى كونترول قىلىدۇ، بۇ بۆلەكنىڭ كەڭلىكىنى مۇنداق تەڭشەيمىز:

    outersidebar
    {
    width:200px;
    }

    يۇقىرقى ئۇسۇللار ئارقىلىق بەتنىڭ ئاساسي قۇرۇلما چوڭ كىچىكلىكىنى تەڭشىۋالغىلى بولىدۇ .

    分享到:

    评论

  • [avatar:30]ئارامگاھ ئەپەندى blogbus دا eot نى قانداق قۇشىدۇ ؟
    مۇشۇ ھەقتە ئازراق بىلىم بىرەرسىزمۇ ؟
    回复نۇرئەلى说:
    بۇ ھەقتە يازما يېزىپ بولغان ئىزدەپ بېقىڭ
    2008-06-24 18:50:51
  • [avatar:30]مەن بۇنى قىلىپ باقتىم، ئەمما بەزى جايلاردا container دىن بىر قانچىسى بار ئىكەن، ھەممىسىنى ئۆزگەرتەمدۇ ياكى بىر يەردىكى (ئەڭ ئۈستىدىكى) نىلا ئۆزگەرتسەك بولامدۇ؟
    回复boghlan说:
    نەق container دىن بىرسىلا بار.
    2008-06-05 10:53:31
  • [avatar:30]bolgنىڭ ئارقا سەھنىسىس بارغانسىرى ئېنق بولۇۋاتىدۇ! مەن تىرشىپ ئاراڭلارغا قۇشۇلىمەن!!![defFace:10]
  • [avatar:30]ئاۋۇ بەتنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنىدىغان يېرىنىڭ كەڭلىكى 800px دىن تۆۋەن بولغىنى ياخشى، چۈنكى كۆپىنچە ئېكرانلارنىڭ ئەڭ كىچىك كەڭلىكى 800px بولىدۇ.ئەگەر 800px دىن چوڭ بولۇپ كەتسە مەزمۇن تولۇق كۆرۈنمەي قالىدۇ. blogbus.com نىڭ تور بېتىدەك.
    回复كۆك说:
    ئېلان قويۇشقا مۇۋاپىق تەڭشەلگىنىمۇ ياخشى
    2008-05-12 09:42:45
  • [avatar:30]بلوگىڭىزدا بارلىق يازما سانى، كۈرىۋاتقانلار، قاتارلىقلارنى كۆرگىلى بۇلىدۇ. شۇ ئىقتىدارلاېنى بلوگىمغا قوشسام بۇلاتتى.
    回复باي说:
    بارلىق يازما سانى دىگەننى مەن يازما قىلىپ يوللاپ بولغان كۆرۈپ بېقىڭ،كۆرۈۋاتقانلار دىگەننى http://freeonlineusers.com مۇشۇ بېكەتكە بېرىپ تىزىملاتسىڭىز سىزگە بىر كود بېرىدۇ شۇ كودنى تەڭشەپ 自定义html گە قوشۇپ قويسىڭىز بولىدۇ .
    2008-05-09 09:40:59
  • [avatar:30][avatar:30]ئۇنداق قىلماي ئاستىدىكى 1.بەت، 2.بەت لەرنى قانداق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنىمۇ دەپ بېرىڭە
    回复تەكلىماكان说:
    ئەلۋەتتە دەپ بېرىمەن ، بۈگۈن يوللانغان يازمىغا دېققەت قىلىڭ
    2008-05-09 09:42:29
  • [avatar:30]ئارامگاھ ئەپەندىم !
    كەچۈرۈڭ، سىزنى يەنە ئاۋارە قىلاي.
    تەكلىماكان بلوگنىڭ بلوگسپوت ۋە بلوگباستىكى ئادرېېسىنىڭ بىردەك بولىشى ئۈچۈن ئادرېسنى http://baliq.blogbus.com ۋە baliq.blogspot.com غا ئۆزگەرتتىم. سىزنىڭ مالال كۆرمەي baliq.blogbus.com نىڭ ئارقا سەھنىسىگە eot قوشۇپ بېرىشىڭىزنى ئۈمد قىلىمەن.
    eot نى ئىلگىرى ياساپ باققان، ھازىر ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن. ئۆزۈم قىززىقمايدىغان ئىشلارغا ۋاقت سەرپ قىلىپ قايتا ئۆگەنگۈم كەلمىدى.
    مەن سىزنى باشقۇرغۇچى قىلىۋەتتىم ئەمسە.
    UBB - ئۇيغۇر بلوگىر ئىتتىپاقى قۇۇرلسا قانداق بولار
    回复تەكلىماكان说:
    ماقۇل ، مەن بۈگۈن يا ئەتىگىچە UKIJ Tuz Tom نۇسخىسىغا eot ياساپ قوشۇپ قوياي.
    ئۇيغۇر بلوگىر ئىتتىپاقى توغرىسىدا مەن بىر نەرسە دىيەلمەيمەن، بۇنى قۇرۇپ قويۇپلا بولدى قىلساق بولمايدۇ دە، دەسلەپتە يۈكسەل ئەپەندىم blogbus نىڭ group ئىقتىدارى ئارقىلىق ئۇيغۇر بلوگ ئۇيۇشمىسى قۇرغان ئىدى ، لېكىن بۇ group سەھنىسىنىڭ ئىقتىدارى ئانچە ياخش ئەمەسكەن ، ئۇيۇشما ، ئىتتىپاق دىگەندەكلەرگە ئانچە ماس كەلمەيدىغاندەك ھېس قىلدىم.
    مۇۋاپىق سەھنە بولۇشى كېرەكقۇ دەيمەن. china blogger network نىڭ ئۆزىنىڭ تور بېكىتى بار .
    ئۇيغۇر بلوگىر ئىتتىپاقى ياكى ئۇيۇشمىسى قۇرۇش مېنىڭچە قىلمىساق بولمايدىغان ئىشلارنىڭ بىرى، بىراق مېنىڭ بۇ جەھەتتە ھېچقانداق تەجرىبەم يوق ،
    سىزنىڭچە قانداق قىلساق بولار....

    مەن eot نى ئەتە ياساپ قوشۇپ قوياي ، ھازىر ئىشتىن چۈشىدىغان بولدۇم [defFace:10]
    2008-05-08 19:00:23